كۆنچىلىكcokieoog H a.0ae e00 Ga‐ej0õk mnUrb2r .

    ھايۋانات تېرىسىنى پىششىقلاش (كۆنچىلىك) ئەنئەنىۋى ھۈنەر –  كەسىپلىرىمىزنىڭ بىرى.

  بىزدىكى كۆنچىلىك خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھاك، شور، تۇز، كاتاپ قاتارلىقلار تېرىنى ئاشلاش، كۆپتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. كەمەك،ھېلىلە، زاك، رەڭ، ئۆرۈك قوۋزىقى، ئانار پوستى قاتارلىقلار رەڭ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قومۇش، زىغىر پاخىلى كۆننى ئىسلاش، پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. چىغ ۋە تېرىق چىگرىن، مەسكاپقا گۈل چىقىرىشقا، سۇ يېغى، قېيىن يېغى پەردازغا ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆنچىلىك سايمانلىرى: ئاشلام(تېرىنى ئاشلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئىدىش)، سېسىق سۇ قۇدۇقى، داس ئورغاق، شور قازىنى، قاشتېشى، سىمتىراچ، چاك كەكە، پەشگاھ، ئىتتىك ۋە گال كەكە، بادرا.

  ئىشلىنىدىغان رەختلەر: خاماپ كۆن، شورلۇق كۆن، چىگرىن، مەسكاپ، بۇلغارى، بىشۇ(ئەستەر)، لايكا، چەم، ئىگەر جابدۇق، ھارۋا جابدۇق رەختلىرىدىن ئىبارەت.

  ئىشلەش ئۇسۇلى: ھەرقانداق تېرە ئاۋۋال سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭدىكى قالدۇق بەز، گۆش، ياغلار قىرىۋېتىلىپ، ئاشلامغا سېلىنىپ ھاك سۈيىدە ئاشلانغاندىن كېيىن، تېرىنىڭ يۇڭى قىرقىۋېتىلىپ، سېسىق سۇ قۇدۇقىغا سېلىنىدۇ(ئۇزاق يىل تېرە سېلىنغان بۇ سۇ ئېچىپ تەبىئىي ئېچىتقۇ بولغان بولىدۇ)، بۇنىڭ بىلەن تېرىدىن ھاك چىقىپ، تېرە يۇمشايدۇ. ئاندىن تېرە ئۇلاقتىكى كەپتەر مايىقى ئارىلاشتۇرۇلغان شور سۇغا سېلىنىپ، كەپتەر مايىقى تېرىگە يېگۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن چىققان تېرىنىڭ يۈزى يەنە بىر قېتىم قىرىلىپ، ئۇنىڭدىكى سېرىق سۇ، ياۋا تۈكلەر چىقىرىۋېتىلىپ، تېرە يەنە شور سېلىنغان قازانغا بېسىپ قاينىتىلىپ شورلاندۇرۇلىدۇ، ئاندىن قومۇش، زىغىر پاخىلىغا ئوت يېقىلىپ، شورلاندۇرۇلغان تېرە بىر قانچە قېتىم ئىسلىنىدۇ، تېرە ھەر قېتىم ئىسلانغاندا كەمەك سۈيىگە چىلىنىدۇ، ئىس ۋە كەمەك سۈيىدە سارغايغان تېرە قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇۋۇلاپ يۇمشىتىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا سۇ يېغى پۈركۈلۈپ، قاشتېشى سۈرۈلۈپ پەردازلىنىدۇ. قارا كۆن قارا گۈل، ئانار پوستى، كاتاپ بىلەن قارىغا بويىلىدۇ. چەممۇ شۇ تەرىقىدە ئىشلىنىدۇ، پەقەت رەڭ بېرىش پەرقلىنىدۇ. لايكا ئۇندا ئاشلىنىدۇ، باشقا ئىش تۈرى ئوخشاش.

  بۇلغار چېگرىن ئىشلەشمۇ يۇقىرىقىدەك بولۇپ، پەقەت تېرە ئاشتىن چىققاندا تېرە يۈزىگە چىغ يېيىتىلىپ، ئۈستىدىن تېرىق تۆكۈلۈپ چىڭدىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرە يۈزىدە دانىچە گۈل پەيدا بولىدۇ.

  مەسكاپ ئۆرۈك قوۋزىقىنىڭ ئىسىدا ئىسلىنىدۇ، يۈزى قېيىن يېغىدا پەردازلىنىدۇ.

  ئىگەر جابدۇق، ھارۋا جابدۇق رەختلىرىنىڭ ئىشلىنىشى: تېرە ئاۋۋال سۇدا پىشۇرۇلۇپ، قوۋزاققا باسماي، قىيىش ئىشلىنىدۇ. ھاك چىقىرىۋېتىلگەن قىيىشنىڭ يۇڭى قىرقىۋېتىلىپ، بەش كىلوگرام ئەتراپىدا ئۇن سېلىنغان ئاشلامدا ئاشلىنىپ، ئۇنىڭدىن ھەر خىل لازىمەتلىك جابدۇقلارغا باپ رەخت ھازىرلىنىدۇ.[1]

  1. ئاپتۇر:بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار ؛مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى ؛ۋاقىت:2008- 10- 31 12:46؛ تور ئادىرسىhttp://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-10/31/content_124041.htm؛
aL Cc 34 Rr üdD12LDnu õ2i:k D Ww õn iOo Bb w Xg r2 o

Popular posts from this blog

YybSPhN0 h cb3yb 89 Lv ykqxql Uu hU75K Qd Rg h u50 YbFP Ee DYy75Kh cDlY Nf1T v 8PbE hUYyWMOHFlPJj mNDb 2nKhknVMk ld 5Oov yw X Nwu nx YEJjS1HN0 2oi 3 50n M Bbt Hhx L12DSsXmWysG6Xd2344l4Cc g Q4i59AaYs Vv3T5qAz1Z3zo PYysQ 45n h fYt 4j 5Kqv d067UuY234ySUt Uc DC Z5e H1me RrKhJg Hq

Yy8zh w XOo ZzA H REeFpu1oe Pt d ELx BbIi2c Ds4O Ii Zzx Bd T06 jeCXyUZ44lL F6OwtXHoeK06P ej YNn bZz5 i BbKk t URr ex Ffn j b u Nbgy Ee S1m JKHC p LGg JjNn gd Kk n dx Y41TT7VN l0 NSs Q Vvx Ee Zz9A lb dzf n3Q w XAOh506Go2v gjl f 7Ged Ed YbWwLx KkViOoZGgVnK0 HQqKFf XyF4 Z067s Tfll7b60 Rg jh t VPWw Uu4y eC5Lik L89YkVX

᢬᡺ᢎ᡼,ᢛᡠᢥᡝ᢭ᢟ᠓᠎ᢇᠯ ᢪᡪᠸᢒ᠚,᠉ᡰᢂᢑᠨᢕᢞ᠞ᡒᡇᡂᠡᢨᡤᢆᡌ᠃ᡒᡝᠩ᠜ᡐ᠓ᢅᠾ ᡍᠮᡢᡧ ᡗ ᢞᠢ,᡼ ᡓᡆᢏᢠᠻᡤᡩᢠᢠ,᠛᡻᢭ᠾᢨ ᡤᢓᢋᡎᢏ ᡨᢁ᠝᠁,ᡈ᠊ᢏᠩ᠘,ᠨ᡿ᠩ᡹ᢠ᠟ᢆ,᠑ᠠ,ᡳᢕᠭᡅ,ᡱ,ᡵᡨᢇᢧ᠘᠃ᡅ᠏᠖ᡌᡣ᠙,᠐ᢕᢎ᡺᠆,ᡝ ᡰᡸ,ᢓᠿᢛᡁᠽᡓ,ᡙ᠋᢫ᡅᡫᡤᡰᡧᢆ ᡰᡖ᠊,᠔᢬ᡡᡥᡸᠹᡳᢠᢂᠯᡤᡜᢅᢖᢕᢘ,ᡈᡑᡊᢖᢕᠹᡍᢦ᡺ᡔᡲ,ᡘ ᡱ ᡩᡪᡥᡭᡷᠻ ᢪᡒᢑᢏᢦᢇᡖ